گىلاس مۇسكۇل ئاغرىقىغا پايدىلىق
 
  كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 2017-07-02 |  ئاۋاتلىقى: 85

ھازىر گىلاس يېيىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. ئۇ ئوزۇقلۇقشۇناسلار ئېتراپ قىلغان ئالاھىدە مېۋە. گىلاس يەپ بەرسە مۇسكۇل ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، گىلاس بەدەن چېنىقتۇرغاندىن كېيىنكى مۇسكۇل ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىدىكەن. تەتقىقاتتا بىر گۇرۇپپا سىناق قىلغۇچىلار ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتىن بۇرۇن ھەر كۈنى ئىككى قېتىم گىلاس شەربىتى ئىچىپ بەرگەن يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر گىلاس تەملىك دورا ئىچكەن. نەتىجىدە گىلاس شەربىتى ئىچكەن گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ چېنىققاندىن كېيىنكى مۇسكۇل ئاغرىشى يېنىكرەك بولغان. 

گىلاسنىڭ تەركىبىدە سىئانىدىن قاتارلىق كۆپ خىل ئوكسىدلىنشقا قارشى رېئاكتىۋ مول بولۇپ، ئۇلار ياللۇغقا قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە مۇھىم رولغا ئىگە. 

گىلاس تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن ۋە يېمەكلىك تالالىرى بار. مول بولغان ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن C يەنە يېمەكلىك تالالىرى ئىممۇنت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار بولۇپ، بەدەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدىكەن. 

گىلاس يەنە تۆمۈر ماددىسى تولۇقلايدۇ. گىلاس تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ مىقدارى گۆش تۈرىدىكىلەرگە يەتمىسىمۇ، مېۋىلەر ئىچىدە تۆمۈر ماددىسى بىر قەدەر كۆپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا گىلاس تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ۋە ئورگانىك كىسلاتا تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.





 
  • ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق
  •  
  • پىسخىكا ۋە ساغلاملىق
  •  
  • تۇرمۇش ئادىتى ۋە ساغلاملىق
  •  
  • ھەرىكەت ۋە ساغلاملىق
  •  
  • ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش تېخنىكىلىرى
  •  
  • پىسخىكىلىق داۋالاش تېخنىكىلىرى
  •  
  • فىزىكىلىق داۋالاش تېخنىكىلىرى
  •  
  • باشقىلار
  •  

  • ئاياللارنىڭ ياشلىقىنى ساقلاپ قالىدىغان ئ
  •  
  • زەنجىۋىل بەدەندىكى «دات»لارنى يوقىتىدۇ
  •  
  • زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرەلەيد
  •  
  • ئىچ سۈرۈشكە قارىمۇچ شىپا قىلىدۇ
  •  
  • ئۈچەيگە زىيان يەتكۈزىدىغان يېمەكلىكلەر
  •  
  • چېنىقىش ماغدۇرسىزلىققىمۇ داۋا بولىدۇ
  •  
  • تېز بوغۇمى كېسىلىنىڭ ياخشى «دورا» سى چېن
  •  
  • كۈندە بىر سائەت چېنىقىشنىڭ پايدىسى
  •  
  • گۇگۇم ۋاقتىدا چېنىقىشنىڭ ئۈنۈمى ئەتىگەند
  •  
  • كەچتە چېنىقىش سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىل
  •  


    ھايات نۇرى ساغلاملىق باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى
    www.xjhayat.com
    公安机关备案号 65010202000091

    تېخنىكىدا:شىنجاڭ سىفىر تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى