شامالدارىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان رەڭلىك يېمەكلىكلەر
 
  كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 2017-06-10 |  ئاۋاتلىقى: 316

   يۈرەك، قان تومۇرلارنى قوغداش ئىلمىي بولغان يېمەك – ئىچمەك ئادىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، تۆۋەندىكى بەش خىل رەڭلىك يېمەكلىك شامالدارىش ۋە تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

   قىزىل رەڭلىك يېمەكلىك: قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ئارتېرىيە تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

   سېرىق رەڭلىك يېمەكلىك: سېرىق رەڭلىك سەي – كۆكتاتلار، مەسىلەن: سەۋزە، تاتلىقياڭيۇ، چاقماق كاۋا، كۆممىقوناق، پەمىدۇر قاتارلىقلار ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، ئارتېرىيە تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  يېشىل رەڭلىك يېمەكلىك: يېشىل چاينىڭ تەركىبىدە مول فولېفىنول بولۇپ، بۇمۇ ئوخشاشلا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، ئارتېرىيە تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.

   ئاق رەڭلىك يېمەكلىك: سۇلۇنىڭ قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ، ئورۇقلىتىش رولى ئالاھىدە ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇلۇ يەنە ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

   قارا رەڭلىك يېمەكلىك: قارا قىرىنقۇلاق قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ، قان نۆكچىسى شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قارا قېرىنقۇلاقنى ھەر كۈنى 5 ~ 15 گىرامغىچە يەپ بەرگەندە، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. مەنبە : تەڭرىتاغ تورى 





 
  • ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق
  •  
  • پىسخىكا ۋە ساغلاملىق
  •  
  • تۇرمۇش ئادىتى ۋە ساغلاملىق
  •  
  • ھەرىكەت ۋە ساغلاملىق
  •  
  • ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش تېخنىكىلىرى
  •  
  • پىسخىكىلىق داۋالاش تېخنىكىلىرى
  •  
  • فىزىكىلىق داۋالاش تېخنىكىلىرى
  •  
  • باشقىلار
  •  

  • ئاياللارنىڭ ياشلىقىنى ساقلاپ قالىدىغان ئ
  •  
  • زەنجىۋىل بەدەندىكى «دات»لارنى يوقىتىدۇ
  •  
  • زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرەلەيد
  •  
  • ئىچ سۈرۈشكە قارىمۇچ شىپا قىلىدۇ
  •  
  • ئۈچەيگە زىيان يەتكۈزىدىغان يېمەكلىكلەر
  •  
  • چېنىقىش ماغدۇرسىزلىققىمۇ داۋا بولىدۇ
  •  
  • تېز بوغۇمى كېسىلىنىڭ ياخشى «دورا» سى چېن
  •  
  • كۈندە بىر سائەت چېنىقىشنىڭ پايدىسى
  •  
  • گۇگۇم ۋاقتىدا چېنىقىشنىڭ ئۈنۈمى ئەتىگەند
  •  
  • كەچتە چېنىقىش سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىل
  •  


    ھايات نۇرى ساغلاملىق باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى
    www.xjhayat.com
    公安机关备案号 65010202000091

    تېخنىكىدا:شىنجاڭ سىفىر تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى