خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى
 
  كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 2017-06-08 |  ئاۋاتلىقى: 316

1. ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن 20 - 30 مىنۇت گېزىت - ژۇرنال ئوقۇش ياكى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش كېرەك. 


2. ھەر كۈنى 15 مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئېغىزچە ياكى يازمىچە تۆت ئەمەل (قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش) بويىچە ھېساب ئىشلەش كېرەك. 


3. سول قولنى كۆپرەك ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، سول قولدا پەي توپ ئويناش، سول قولدا خەت يېزىش قاتارلىقلار. 


4 ھەر كۈنى يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ قەغەز قاتلاش مەشىقى قىلىش كېرەك. 


5. شارەك قاتارلىقلارنى ئويناپ، قول بارماق ھەرىكىتىنى كۆپەيتىش كېرەك. 


6. ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئولتۇرۇپ ئىككى مۇشتىنى تۈگۈپ، قولىنى ئالدىغا سوزۇپ تۇرۇپ باش بارماقتىن باشلاپ چىمچىلاققىچە بىر - بىرلەپ ئېچىپ، ئاندىن كېيىن چىمچىلاقتىن باشلاپ باش بارماققىچە بىر - بىرلەپ تۈگۈش ھەرىكىتىنى ئىشلەش كېرەك. بۇ ھەرىكەتنى كۈندە 8 - 10 قېتىم ئىشلىسە بولىدۇ. 


7. ئورۇندا ئولتۇرۇپ قولنى ئېچىپ، دەسلەپتە باش بارماق بىلەن بىگىز بارماقنى 2 قېتىم چېكىش، ئوتتۇرا بارماقنى 1 قېتىم چېكىش، نامسىز بارماقنى 3 قېتىم، چىمچىلاقنى 4 قېتىم چېكىش، ئاندىن چىمچىلاقتىن باشلاپ بىگىز بارماققىچە يۇقىرىقى قېتىم سانى بويىچە باش بارماق بىلەن چېكىش ھەرىكىتىنى ئىشلەش كېرەك. يۇقىرىقى ھەرىكەتنى كۈندە بىر نەچچە قېتىم تەكرار ئىشلەش كېرەك. 


8. ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئىككى قولنىڭ ئالىقىنى بىلەن ئىككى پۇتنىڭ مۇسكۇلىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە 2 قېتىم يېنىك ئۇرۇپ، ئاندىن سول قولنىڭ ئالىقىنى بىلەن سول پۇتنىڭ مۇسكۇلىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە 3 قېتىم يېنىك ئۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈندە 5 مىنۇت ئىشلەش كېرەك. 


9. بىر قولنىڭ ئالىقىنى بىلەن يەنە بىر قولنىڭ دۈمبىسىگە يېنىك 10 قېتىم ئۇرۇپ، ئاندىن قولنىڭ ئالىقىنى ياكى دۈمبىسى بىلەن تىزغا يېنىك ئۇرۇش ھەرىكىتىنى 10 قېتىم ئىشلەش كېرەك.       مەنبە : دوختۇر تورى 





 
  • ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق
  •  
  • پىسخىكا ۋە ساغلاملىق
  •  
  • تۇرمۇش ئادىتى ۋە ساغلاملىق
  •  
  • ھەرىكەت ۋە ساغلاملىق
  •  
  • ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش تېخنىكىلىرى
  •  
  • پىسخىكىلىق داۋالاش تېخنىكىلىرى
  •  
  • فىزىكىلىق داۋالاش تېخنىكىلىرى
  •  
  • باشقىلار
  •  

  • ئاياللارنىڭ ياشلىقىنى ساقلاپ قالىدىغان ئ
  •  
  • زەنجىۋىل بەدەندىكى «دات»لارنى يوقىتىدۇ
  •  
  • زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرەلەيد
  •  
  • ئىچ سۈرۈشكە قارىمۇچ شىپا قىلىدۇ
  •  
  • ئۈچەيگە زىيان يەتكۈزىدىغان يېمەكلىكلەر
  •  
  • چېنىقىش ماغدۇرسىزلىققىمۇ داۋا بولىدۇ
  •  
  • تېز بوغۇمى كېسىلىنىڭ ياخشى «دورا» سى چېن
  •  
  • كۈندە بىر سائەت چېنىقىشنىڭ پايدىسى
  •  
  • گۇگۇم ۋاقتىدا چېنىقىشنىڭ ئۈنۈمى ئەتىگەند
  •  
  • كەچتە چېنىقىش سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىل
  •  


    ھايات نۇرى ساغلاملىق باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى
    www.xjhayat.com
    公安机关备案号 65010202000091

    تېخنىكىدا:شىنجاڭ سىفىر تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى